Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 28:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 28:4
12 Referans Kwoze  

كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى.


كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.


چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچبىر ئالامەتمۇ كۆرۈلمىدى.


مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى.


پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.


قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،


ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى قوي بولسا، قۇربانلىق سۇنغۇچى قوينى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ،


تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،


شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى.


ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite