Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 28:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 بۇ قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 28:28
8 Referans Kwoze  

سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن.


ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.


ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.


باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن مۇناجات ئېيتىشنى بۇيرۇدى.


پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي بايراملىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى.


يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى.


مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite