19 بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.
ئەگەر بۇ ماللار ئاقساق-چولاق، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار،
مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.
بۇ قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلسۇن. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.»
بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ.
بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،
ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولغان كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن تەييارلانغان پاقلان ۋە ئوغلاقنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.