چۆلدە 28:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 «ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. Gade chapit la |
ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.
بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنى، يېڭى ئاي بايرىمى ھەمدە بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.