Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 27:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 سەن ھوقۇقۇڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 27:20
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر شۆھرەتكە ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.


شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. سۇلايمان ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.


بۇ ئىشنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان ئېرىخادىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر جامائىتى: _ ئىلياسنىڭ روھى ئېلىشاغا چۈشۈپتۇ! _ دېيىشكىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە باشلىرىنى يەرگە قويۇپ، تەزىم قىلىشتى.


سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ، باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن.


مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.


ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن.


بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite