چۆلدە 27:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر. Gade chapit la |
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.