Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 26:62 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

62 لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 26:62
14 Referans Kwoze  

شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)


مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.


«لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالما.


مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.


ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى.


گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن.


لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى.


يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite