56 مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.
مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر.
نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە، يەنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلمىدى. پەقەت تاللانغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ئېرىشتى. قالغانلار بولسا قەلبلىرى بىخۇدلاشتۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى.
ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى.
بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.