Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 26:55 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

55 ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 26:55
21 Referans Kwoze  

مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.


جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.


خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى.


دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى.


چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى، يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


يەتتىنچى چەك دان قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندا تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار: يەنى زورئاھ، ئەشتائول، ئىرشەمەش،


ئالتىنچى چەك نافتالى قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى، خېلەف شەھىرىنىڭ زائاناننىم دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى دۇپ دەرىخىدىن باشلىنىپ، ئادامى-نەكەب، يابنىئېل ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ بېرىپ لاققۇم شەھەرلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ.


بەشىنچى چەك ئاشېر قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى، يەنى خەلقات، خالى، بەتەن، ئاكشاف،


تۆتىنچى چەك ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:


ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ پاسىلى سارىد شەھىرىدىن باشىلىنىپ،


ئىككىنچى چەك شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدىدۇر.


سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.


مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.


بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.


_ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite