51 ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.
جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.
سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.
مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ.
بۇلار جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللار بولۇپ، ھەرقايسى قارارگاھتىكى رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى.
نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گىرامغا توغرا كېلەتتى.
ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: