30 گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق،
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى.
گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم [مەنىسى «پەرۋەردىگار _ ئامانلىق»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن يېرىدە تۇرماقتا.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.
گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟
ئاسرىئېل، شەكەم،