22 يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى.
رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.
ئىگىمىزدىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا، ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما.
يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.
ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار. سەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقارسەن. قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا باش ئېگەر.
پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇلنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.