Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 26:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 26:10
15 Referans Kwoze  

گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى.


خۇدا كېيىن يەنە سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. خۇدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت بەردى.


سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.


مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قويۇپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ.


ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.


مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.


_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.


ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.


رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن.


بۇ قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالايىئاپەتلەر سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ.


لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite