1 ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:
لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.