8 چېدىرغا كىرىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھ سەۋەبىدىن ئىسرائىللار ئارىسىغا تارقالغان ۋابا كېسىلى توختىدى.
داۋۇت ئاراۋناغا: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن خامىنىڭنى ماڭا ئۆز باھاسىدا سېتىپ بەرسەڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.
داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.
_ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. ئۇ جامائەتنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن ماڭا ئوخشاش قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى.
لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن بۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.
ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.
ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىنى بۇ ئۇستىخان ۋە جەسەتلەرنى بىنيامىن زېمىنىغا جايلاشقان زېلا شەھىرىدىكى سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلىدى.