Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 25:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 25:5
12 Referans Kwoze  

ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا: _ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.


خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.


ئاشۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋا ماللارنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار.


ئۇلارنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار قول سېلىڭلار، ئاندىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈڭلار.


ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،


مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ،


ئاتا-بوۋىلىرىمىز پىئوردا پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite