Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 25:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 25:3
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.


ئاتا-بوۋىلىرىمىز پىئوردا پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق!


سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»


غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟


شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى.


دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن، زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن. چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ، نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite