Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 25:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 25:18
13 Referans Kwoze  

لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.


پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.


مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.


ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.


پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.


ئۆلتۈرۈلگەن مىديان ئايالنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، مىديانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى زۇرنىڭ قىزى ئىدى.


_ سىلەر مىديانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار.


ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:


ئۇلار مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشقانىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇلارغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite