چۆلدە 24:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ.