Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 24:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 24:13
6 Referans Kwoze  

شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى: _ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.


بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.


مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر.


پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ، سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، غىزامۇ يېمەيمەن، ئۇسسۇلۇقمۇ ئىچمەيمەن.


لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.


بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite