30 بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار تەييارلىدى.
بىلئام بالاققا: _ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.
بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ،
ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى.
بىلئام بالاققا: _ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.
بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى.