Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 23:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 23:3
16 Referans Kwoze  

بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.


بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ،


پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى.


نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.


ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ:


بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.


خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا: _ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىگە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى.


بىلئام مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ماڭا دېگىن، دەپ بۇيرۇغان سۆزلەرنى دېمەسلىكىمگە نېمە ھەددىم؟


بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.


لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite