28 ئۇ بىلئامنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىئور چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى.
باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.
پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.
بالاق: _ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى.
بىلئام بالاققا: _ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.
بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ،