Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 23:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 23:26
12 Referans Kwoze  

پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!


بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.


لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.


بىلئام مۇنداق دېدى: _ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.


لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.


بالاق بىلئامغا: _ سەن ئۇلارنى قارغىمىساڭ مەيلى، ئەمما ئۇلارغا بەخت تىلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، _ دېدى.


بالاق: _ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى.


ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.


بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. بالاق: _ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite