2 بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار تەييارلىدى.
ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
بىلئام بالاققا: _ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.
ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.
بۇ يەتتە كۈنلۈك ھېيت جەريانىدا، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى بېجىرىم بولغان يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.
بىلئام بالاققا: _ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.