18 بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.
بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن ھۇجرىسىدا يالغۇز قالدى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ: _ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.
بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. بالاق: _ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.
خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.