17 بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. بالاق: _ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.
كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،
ئەلى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى قاتتىق جازالىغاي! _ دېدى.
بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن.
بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.