15 بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.
ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.
بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.
ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن.
لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم.