14 ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.
گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.
مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى،
شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن ۋادىلارنى، پىسگاھ تېغى ئېتىكىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، شەرق، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال تەرەپلەرگە نەزەر سالساڭ بولىدۇ، لېكىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسەڭ بولمايدۇ.
بىلئام بالاققا: _ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.
باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.
بالاق مۇنداق دېدى: _ يۈرۈڭ، مەن بىلەن باشقا يەرگە بېرىڭ. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسىز. سىز شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاڭ.
بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.