Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 23:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك، كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟ كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟ مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي، ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.»

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 23:10
20 Referans Kwoze  

پاك ئادەملەرگە باق، كۈزەت دۇرۇسلارنى، تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.


مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.


بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز.


يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.


دان قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 157,600 بولۇپ، ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن سەپنىڭ كەينىدە ماڭسۇن.


ئەفرايىم قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108,100 بولۇپ، ئۇلار ئۈچىنچى سەپتە ماڭسۇن.


يەھۇدا قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 186,400 بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ماڭسۇن.


ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.


ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.


رۇبېن قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151,450 بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى سەپتە ماڭسۇن.


بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite