Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 22:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 22:5
15 Referans Kwoze  

چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.


ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


كېيىن موئاب پادىشاھى، يەنى زىپپورنىڭ ئوغلى پادىشاھ بالاق سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. سىلەرنى قارغاش ئوقۇش ئۈچۈن بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى.


بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.


ئىسرائىل خەلقى ئۇرۇشتا بىئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلئامنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى.


بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.


ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار، ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە نەرسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە شاختىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.


بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.


لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite