Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 22:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 22:31
14 Referans Kwoze  

خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى روشەنلەشتۈردى، ئارقىدىنلا ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، قانداقتۇر ئۇنى تونۇشقا قۇربى يەتمىدى.


ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.


ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى، بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. سېلاھ


داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى.


ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.


ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.


مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى


ئېشەك: _ مەن سېنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ مىنگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ ياق، _ دېدى.


يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite