28 پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا: _ مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، _ دېگۈزدى.
ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»~نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.
چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.»
تا ھازىرغىچە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاھ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
بىلئام: _ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى.