22 بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر.
مىسىر يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى.
پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى، ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى، ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى، ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى.
پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن. مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.
ئۇ يەنە: _ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزەيلى، دەپ جاكارلىدى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرىشتەمنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سىلەرنى قوغداپ، سىلەرنى مەن سىلەرگە تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.