19 سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.
ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.
شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى: _ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.