18 بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.
سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن.
لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.
لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.
بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.
بىلئام مۇنداق دېدى: _ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.
لېكىن، پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ، پۇلۇڭ بىلەن بىللە ھالاك بول!
ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ سوۋغاتلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي.
سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.
بىلئام جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە بۇنى دېمىگەنمىدىم؟
پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ، سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، غىزامۇ يېمەيمەن، ئۇسسۇلۇقمۇ ئىچمەيمەن.
بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.
لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم.
ئۆيلىرى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولغان شاھزادىلەر بىلەن بىرگە ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟