Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 22:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن»، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 22:11
8 Referans Kwoze  

بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە:


خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.


باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.


بالاق بىلئامغا: _ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى.


بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپ بولۇپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا: _ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، قارا، سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ.


لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم.


ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite