Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 21:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 21:8
7 Referans Kwoze  

تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك.


خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.


ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى.


«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite