Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 21:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى: _ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 21:5
19 Referans Kwoze  

دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا: «سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟»


لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.


ئىسرائىل خەلقى مۇساغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق!


ئۇلار مۇساغا: _ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەجەبا، بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمىدىڭىز؟ بىزگە مىسىردا ياتقۇدەك گۆر چىقار بولغىيدى؟


بىزاردۇر توق كىشى ھەسەلدىنمۇ، تاتلىقتۇر ئاچلىقتا ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ.


ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.


ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى «ماننا» دەپ ئاتىدى. ماننا ئاق رەڭلىك بولۇپ، شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى.


ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن: _ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىكىدۇر.


خەلق: _ نېمە ئىچىمىز؟ _ دەپ، مۇساغا نارازىلىق بىلدۈردى.


بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك مەقسەتلىك ھالدا گۇناھ قىلىپ، رەببىمىز بىزنى جازالامدۇ-جازالىمامدۇ، دەپ ئۇنى سىنىمايلى. شۇ چاغدا، ئۇنداق قىلغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite