Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 21:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 21:4
14 Referans Kwoze  

مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىدى، چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى.


سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى.


ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.


سىلەر ئەمدى ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار.»


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.


لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى.


_ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك، بىز ئارقىمىزغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە كەتتۇق. سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۈنلەر يۈردۇق.


سىلىچە، بىز قايسى يول بىلەن ھۇجۇم قىلساق بولار؟» دەپ سورىدى. يورام: «ئىدوم چۆلىدىكى يول بىلەن بارايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite