35 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى، ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى.
يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر رافاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى.
لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز.
بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.)
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار.
ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ،
ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى.
پەرۋەردىگار خۇددى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى سىخون بىلەن ئوگنى يوقاتقىنىدەك، ئۇ يەردىكى ئەللەرنىمۇ يوقىتىدۇ.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟