چۆلدە 21:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار! ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى! ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى، ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى، ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى. Gade chapit la |
پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى.
سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.