27 شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى: «خەشبون شەھىرىگە كېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرسۇن، سىخوننىڭ شەھىرى قايتا بىنا بولسۇن.
لېكىن بۇ ئەللەر بويسۇندۇرغۇچىنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، بايلىق يىغقانلار، ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›
سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!
شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى
خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى.
يالقۇن خەشبوندىن چىقتى، سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى. موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ، ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.
سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازا قاناتلىرى ئورنىتىلىپ بولۇنغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى.