Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 21:2
15 Referans Kwoze  

ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر ئاممونلارنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ،


ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئاتا قىلىپ،


قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا، ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.


ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن يوشۇۋا قەسەم ئىچىپ، مۇنداق دېدى: «كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى قويىدىكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن، ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»


ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.


ئاشۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋا ماللارنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار.


رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!


لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار، تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ.


شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite