14 شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلغۇچە، قۇياش بىلەن ئاي ئۆز جايىدا توختاپ تۇردى. تەخمىنەن بىر كۈن قۇياش پاتماي، ئاسماننىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ۋەقە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەمەسمۇ!
ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.
ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
ھەمدە ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى ...»
پەرۋەردىگار داۋام قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاتلىنىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار! مەن ئامور خەلقىنىڭ خەشبوندا ياشايدىغان پادىشاھى سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەڭلار.
سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.
موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.