3 ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى: _ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!
شۇڭا ئۇلار يەنە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ: _ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگىن! _ دېدى. مۇسا ئۇلارغا: _ نېمىشقا مەن بىلەن جېدەللىشىسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولىسىلەر؟ _ دېدى.
لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.
خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.
پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا: «سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟»
چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ، بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.