28 مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى.
(ئىسرائىل خەلقى يائاقانلارنىڭ قۇدۇقلىرى دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، موسېراغا كەلدى. ھارۇن شۇ يەردە ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلئازار ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولدى.
سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.
داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى ۋە يەنە مۇنداق دېدى:
مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.
خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى.
ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.
ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن.
ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ھەر قېتىم ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنغاندا، بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشى بولىدۇ.
ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېرادا قارارگاھ قۇردى.
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.