27 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.
ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى.
ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ،