20 ئىدوم پادىشاھى: _ سىلەر ئۆتمەيسىلەر، _ دېدى. ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى.
ئاندىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: ‹زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويساڭلار› دېدى. ئەمما ئىدوم پادىشاھى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار يەنە موئاب پادىشاھىغىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇمۇ بۇنىڭغا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كادېشتا ياشاپ قادى.
سۆيۈپ مەن تىنچلىقنى، دېسەممۇ «تىنچلىقتا ياشايلى» گەر، بىراق ئۇلار «ئۇرۇشايلى» دەر.
ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىدى. شۇڭا پادىشاھ سىخون ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.
ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.
ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.
ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى.