چۆلدە 20:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى. Gade chapit la |
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.